ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھېسابلانغان كارىز يوقاپ كېتىش ئالدىدا تۇرماقتا
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈن كارىز ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېنىقلانغان كارىز 1785 بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرۇپ كەتكەن كارىز 1170 گە يەتكەن. خەۋەردە يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، قۇرۇپ كەتكەن كارىزلارنىڭ ئىچىدىن ئاران 207 كارىزنى رېمونت قىلىش ئارقىلىق بەلكى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىكەن.
ئارخىلوگلار تەرىپىدىن، خىتاينىڭ سەددىچىن سېپىلى، بېيجىڭ - خاڭجۇ قانىلى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردىنمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە دەپ باھالانغان كارىز، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سەل قارىشى نەتىجىسىدە ياخشى قوغدالمىغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، مەدەنىيەت مىراسى ۋە مۆجىزە خاراكتېرلىك سۇ قۇرۇلۇشى نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە دەپ قارىلىدىغان ئۇيغۇر كارىز قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىنماسلىقى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.