تۇرپاندا پوجاڭزا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 25 ئادەم قازا قىلدى
2008.03.27
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى پەيشەنبە كۈنى، تۇرپان ۋىلايىتى پارتكوم مۇئاۋىن سېكرىتارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، شۇ كۈنى تۇرپاندا پوجاڭزا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 25 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى 5 ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۇرپان شەھىرى چىچاڭخۇ كەنتى ئەتراپىدىكى قاقاسلىقتا، بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن توپلانغان پوجاڭزا دۆۋىسىنى پارتلىتىپ يوق قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتقاندا، تۇيۇقسىز پارتلاش يۈز بېرىپ نەق مەيداندا 22 ئادەم ئۆلگەن. 10 ئادەم نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈستىدە ئىكەن.
پارتلاشتا ئۆلگەنلەردىن سىرت، يەنە 5 ئادەم ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن داۋالاش گۇرۇپپىسى يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشكەن، ساقچى دائىرىلىرى پارتلاش يۈز بەرگەن مەيداندا DNA تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئۆلگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
بۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، يەنە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى تۇرپانغا قاراپ يولغا چىققان.
خىتاي خەۋەر ۋاستىلىرىدا پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئېنىق سەۋەبلىرى ئېيتىلمىغان بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرى بۇ قېتىمقى پارتلاشنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇب ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ' تېررورچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالدى،' دەپ مۇكاپات بەردى
- ج خ تارماقلىرى ئۈرۈمچىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتقان بەزى كىشىلەرنى قولغا ئالغان
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى
- خوتەندە شىددەتلىك يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەردى
- "ئايروپىلان ۋەقەسى" ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " ئايروپىلان ۋەقەسى" توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
- قازاقىستان كېڭەش پالاتا رەئىسى توقايىف ئۈرۈمچىدە قازاق تەتقىقاتچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- خىتاي ئۈرۈمچىدە قوش تىلى مۇتەخەسسىسلىرى "ئىسكىلاتى" قۇردى
- ۋاڭ لېچۈئەن سابىق قورچاق ئەمەلدارلارنى يوقلىدى
- ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە بىر كۆمۈر كان قۇدۇقىدا پارتلاش يۈز بەردى
- تۇرپان ئويمانلىقىدىكى بىر قەدىمقى قەبرىدىن بۇغداي قېزىۋېلىنغان
- باغراش كۆلىدە بېلىقچىلىق پورتى قۇرۇلماقتا









