خىتاي ھۆكۈمىتى شاياردىكى بىر ئايال مۇددەرىسىنى قولغا ئالدى

گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرىشىچە، ئاينىساخان مۇھەممەد 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ساقچىلار ھەتتا ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىۋاتقان 5 نەپەر تالىپنىمۇ تۇتۇپ كەتكەن.

مەلۇم بولىشىچە، ئاينىساخان مۇھەممەدتىن تەلىم ئېلىۋاتقانلارنىڭ چوڭى 20 ياشتا، ئەڭ كىچىگى 12ياشتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاينىساخاننى يەنە، "سىياسىي كېڭەش تۈزگەن دىنىي تەپسىر كىتابىنى ئوقۇتمىغان" دېگەن گۇناھ بىلەنمۇ ئەيىبلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ھەر خىل شەكىلدە دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. (پەرىدە)