رابىيە قادىر سودا سارىيىدىكى ئىككى نەپەر خادىم تۇتقۇن قىلىندى


2005.05.11

رابىيە قادىر سودا سارىيىدىكى "ئەقىدە ھەسسىدارلىق سودا شىركىتى" نىڭ دېرىكتورى ئايشەمگۈل بىلەن شىركەت باش كاتىپى روزى مەمەت سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىشىچە، 34 ياشلىق ئايشەمگۈل شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىرلەردە بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىزلا تۇتۇپ كېتىلگەن. شىركەت باش كاتىپى روزى مەمەت بولسا، ئايشەمگۈل تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتە قىلغان. نەتىجىدە بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن ئىككى نەپەر خىتاي ۋە بىر ئۇيغۇر كىشى رابىيە سودا سارىيىغا كېلىپ، روزى مەمەتنىمۇ تۇتۇپ كەتكەن.

بۇ خەۋەر، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ھەمرىيى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.