ھىندىستان دائىرىلىرى بىر ئۇيغۇر مۇساپىرىنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلدى
2005.05.12
جەنۇبىي ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان دائىرىلىرى 9 - ماي كۈنىدىن باشلاپ ئەمەت ئالىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر مۇساپىرىنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرماقتا.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئەمەت ئالىم ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان بىر سىياسىي پائالىيەتچى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 14 - فېۋرال كۈنى ئۈچ ئايلىق ۋىزا بىلەن ھىندىستانغا كەلگەن. ئۇ ۋىزا مۇددىتى توشۇشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن يەنى 9 - ماي كۈنى، ۋىزىسىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلىپ، ھىندىستاندىكى چەتئەللىكلەرنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىشخانىسىغا بارغان.
بىراق ئۇ شۇ پېتى تۇتقۇن قىلىنىپ، يېڭى دېھلىدىكى لامپۇر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە قامالغان. ھىندىستان دائىرىلىرى ھېچكىمگە خەۋەر قىلماستىن، ئۇنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا 24 سائەتتىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرغاندىن كىيىن، 10 - ماي كۈنى چۈشتىن كىيىن، بىر دوستىغا تېلېفون قىلىپ، ئۆز ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئەمەت ئالىم ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۆزلەپ، ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەمەت ئالىم ھىندىستانغا كەلگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. ئۇ ئىلتىماسى تېخى بىر تەرەپ قىلىنىش باسقۇچىدا، ھىندىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.
ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ھىندىستانغا قىلغان زىيارىتى ۋە خىتاي ھىندىستان مۇناسىۋىتى
- رابىيە قادىر سودا سارىيىدىكى ئىككى نەپەر خادىم تۇتقۇن قىلىندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى شاياردىكى بىر ئايال مۇددەرىسىنى قولغا ئالدى
- تەجرىبە ئوتتۇرىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى خەتەرلىك ماددىلارنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن سۈرۈشتۈرۈلگەن
- غۇلجىدا، چاغان ھارپىسىدا 700 دىن ئارتۇق ياشلار تۇتقۇن قىلىنغان