خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە جەنۇپلۇق 6 ئۇيغۇر ياشنى تۇتقۇن قىلدى
2005.08.05
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى، بۇ يىل 8 - ئاينىڭ باشلىرىدىن 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تازىلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە خوتەنلىك 6 ياشنى قولغا ئالغان.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قولغا ئېلىنغان ياشلار خوتەننىڭ كىرىيە ناھىيىسىدىن بولۇپ، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سەنشىخاڭزىدىكى "تاللا بازىرى" نىڭ ئارقىسىغا جايلاشقان بىنادا قولغا ئېلىنغان. ئۇلار ھازىر ئۈرۈمچىدىكى نەنگۇئەن ساقچىخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، ئۇيغۇر ياشلارنىڭ "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتچىلەر،" دىگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما دائىرىلەر تۇتقۇنلارنى ئەيىبلەيدىغان جىنايەت تاپالمىغان.
قولغا ئېلىنغانلار ئىبراھىم تۇرسۇن، مۇھەممەتجان ئىسلام، دۆلەت روزى، ئالىم ئابدۇقادىرلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى 20 ياشلاردا ئىكەن. تۇتقۇنلار قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتى بالىلارنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار ئۇلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاخىرلاشقىچە تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يېزا كادىرىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىككى ئۇيغۇر ئېتىپ تاشلاندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى پوسكاملىق يازغۇچى ئابدۇللا جامالنى قولغا ئالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى پوسكامدا 4 نەپەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسىنى تۈرمىگە تاشلىدى
- خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە بىر ئاي ئىچىدە مىڭغا يېقىن كىشىنى قولغا ئالدى
- دىلشات رىشىتنىڭ ئايالى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىدى