دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ 14 - ئاۋغۇست كۈنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىشىچە، شايار ناھىيىسىدە 56 ياشلىق ئامىنەخان ئۆزى بىلەن بىر يېزىدىكىلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، يازلىق تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، 37 نەپەر ياش - ئۆسمۈرنى ئۆز ئائىلىسىگە يېغىپ، دىنىي ساۋات بەرگەن.
بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان شايار ناھىيىسى ساقچى پونكىتى، 1 - ئاۋغۇست كۈنى ئۇشتۇمتۇت ئىبراھىم ھوشۇر ئائىلىسىگە يەنى ئامىنەخاننىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، نەق مەيداندا ئامىنەخاننى ۋە 37 نەپەر بالىنى قولغا ئالغاندىن سىرت، 23 پارچە قۇرئان ۋە دىنىي ساۋات كىتابىدىن 56 پارچە ھەمدە سەئىدىيە خانلىقىغا دائىر تارىخى كىتابلارنى مۇسادىرە قىلغان.
ھۆكۈمەت، ئامىنەخاننى قانۇنسىز ھالدا دىن تارقاتقان، قانۇنسىز دىنىي قوللانما ۋە ئەكسىلىنقىلابىي كىتابلارنى يوشۇرۇپ ساقلىغان دەپ ئەيىبلىگەن.
دىلشات رېشىتنىڭ تەكىتلىشىچە، ھۆكۈمەت ئامىنەخاننى ئەيىبلىگەندىن سىرت، ئامىنەخاندىن دىنىي ساۋات ئۆگەنگەن 37 نەپەر ياش - ئۆسمۈرگە مەكتەپ ئىچىدە جازا بېرىش، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئىقتىسادىي جازا بېرىش تەدبىرلىرى ئېلىپ بارغان. (ئەقىدە)