خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامىنىخاننى 37 ئوقۇغۇچىسى بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى شايار ناھىيىدە بالىلارغا دىنىي تەربىيە بەرگەنلىكى ئۈچۈن 56 ياشلىق ئامىنىخان ۋە ئۇنىڭ 37 ئوقۇغۇچىسىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېتراپ قىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 7 ياش، ئەڭ چوڭى 20 ياشتا ئىكەن.

14 - ئاۋغۇست كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 1 - ئاۋغۇست كۈنى شايار ناھىيىسىدە 56 ياشلىق ئامىنىخاننى، يېزىدىكىلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن يازلىق تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ 37 نەپەر ياش ئۆسمۈرنى ئۆز ئائىلىسىگە يېغىپ، دىنىي ساۋات بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كەتكەلىكىنى بىلدرۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئامىنىخاننىڭ ئۆيىدىكى 23 پارچە قۇرغان، 56 دىنى ساۋات كىتابى ھەمدە سەئىدىيە خانلىقىغا دائىر تارىخى كىتابلارنى مۇسادىرە قىلغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 15 - ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئامىنىخان ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامىنىخان بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن بەزى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى 7000 دىن 10000 يۈۋەنگىچە جەرىمانە تۆلەش ئارقىلىق بالىلىرىنى قۇتۇلتۇرىۋالغان. بۇ ئاتا-ئانىلار جەرىمانە پۇلىنى تېپىش ئۈچۈن قوي ۋە كالىلىرىنى ساتقان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دۆلەت كونتروللۇقى سىرتىدىكى پۈتۈن دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىي ۋە مەدەنىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى، شارۇن ھوم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن بىر مىللىي تەھدىد دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)