خىتاي ئىككى ئۇيغۇرنى پارتلىتىش سادىر قىلماقچى دەپ قولغا ئالدى
2005.09.08
خىتاي ساقچىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى چەرچەن ۋە چاقىلىق ناھىيىسىدىن ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى، ئۆيىدە پارتلاتقۇچ بويۇملارنى ساقلىغان ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مەزگىلىدە پارتلىتىش ۋەقەسى سادىر قىلماقچى بولغان دەپ ئەيىبلەپ قولغا ئالغان.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چەرچەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئېزىز بارات ئىسىملىك دېھقاننىڭ ئۆيىدىن 47 كىلو پارتلىتىشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇقلۇق، 50 دانە كاپسۇل ۋە 32 مېتىر ئوت پىلتىسىنى تاپقان. شۇنداقلا ، چاقىلىق ناھىيىسىدىكى ئوسمان مۇسا ئىسىملىك دېھقاننىڭ ئۆيىدىنمۇ، بۇ خىل سۇيۇقلۇقتىن 30 كىلو، 64 دانە كاپسۇل ۋە 70 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئوت پىلتىسى چىققان.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ 50 يىللىقى مەزگىلىدە پارتلىتىش ۋەقەسى سادىر قىلماقچى بولغانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنى ئىقرار قىلغۇزۇش ئۈچۈن قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئالماقتا ئىكەن. بىز چەرچەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلاشقىنىمىزدا، بۇ يەردىكى ئىسمىنى ئاتاشنى خالىمىغان بىر نۆۋەتچى خادىم، بۇ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئەمما بۇنىڭدىن تەپسىلىي خەۋەردار ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھارپىسىدا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتمەكتە
- ۋاڭ لېچۈەن، يېقىندا بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى
- خىتاي ئۇچتۇرپاندا 10 نەپەر ئۇيغۇرنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالدى
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قورال-ياراق باشقۇرۇشىنى چىڭىتتى
- خىتاي ساقچىلىرى ئىلى ۋىلايىتىدە 179 تۇڭگاننى تۇتۇپ كەتكەن