خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر ئەدەبىياتى ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى كۆرەش ھۆسەيىننى ئۈچ يىللىق كەستى
-
2005-11-10 -
-
-
خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر ئەدەبىياتى ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى كۆرەش ھۆسەيىننى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق قول سىياسىتى تەنقىد قىلىنغان " ياۋا كەپتەر" ناملىق مەسەلنى نەشىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
ئىسمىنى ئېلان قىلىشنى خالىمىغانلارنىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن كۆرەش ھۆسەيىننى "مىللىي بۆلگۈنچىلىك" ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىدىغان ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
"ياۋا كەپتەر" ناملىق مەسەلنىڭ ئاپتورى نۇرمۇھەممەت ياسىن بۇ يىلنىڭ باشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
قەشقەر سوت دائىرىلىرى كۆرەش ھۆسەيىننىڭ ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق ھەققىدە خەۋىرى ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى رەت قىلدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى 13 يىللىق كېسىلدى
- ۋاڭ لېچۈەن 19 چەتئەللىكنى "تېررورچىلىق" بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقانلىقىنى پاش قىلدى
- خىتاي ئىككى ئۇيغۇرنى پارتلىتىش سادىر قىلماقچى دەپ قولغا ئالدى
- ۋاڭ لېچۈەن، يېقىندا بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى
- خىتاي ئۇچتۇرپاندا 10 نەپەر ئۇيغۇرنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالدى