قارامايدا چىقىدىغان "مايبۇلاق " ژورنىلىنىڭ سابىق تەھرىرى ئابدۇرېشىت نىياز بۇ يىلنىڭ باشلىرى قاراماي شەھەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خىتايغا قارشى جامائەت پىكىرى پەيدا قىلدى، دىگەن گۇناھ بىلەن قولغا ئېلىنغان. ئۇ، ئىلگىرى قاراماي مائارىپ ئىنىستۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان ۋە 1989 - يىلدىن كېيىن قارامايدا چىقىدىغان " مايبۇلاق" ژورنىلىغا يۆتكىلىپ، شۇ يەردە تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ 2000 - يىلى يازغۇچىلار ئارىسىدا پانتۈركىزىم ئىدىيىسىنى تارقاتتى، دىگەن گۇمان بىلەن خىزمىتىدىن بوشۇتۇلغان ۋە چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقماقچى بولغاندا پاسپورتى تارتىۋېلىنغان. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر ئابدۇرىشىت نىيازنىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرى قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ھازىرغىچە سۈرەكسىز تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مەرھۇم مۇزىكانت نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ سەنئەت كېچىلىكىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە "بۆلگۈنچىلەر" گە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىغان ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەر باستۇرۇلغان ئىدى. نۇرمۇھەممەت ياسىن " ياۋا كەپتەر"ناملىق ھىكايىسى سەۋەبىدىن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئابدۇرېشىت نىياز 1986 - يىلى ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. قاراماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى ئابدۇرىشىت نىياز توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. (ئەركىن)