خىتاي دائىرىلىرى قولغا ئېلىنغان بىر ئۇيغۇر مەھبۇسنى 3 كۈندىن بېرى ئاچ قويغان
2006.06.06
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئىگىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن 2 ئاي ئىلگىرى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ سۈيدۆڭ ناھىيىسىدە قولغا ئالغان تۇداخۇن ھوشۇر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنى قاتتىق قىيىن قىستاققا ئالغان ۋە بىر قانچە كۈندىن بېرى ئېسىپ قويۇپ ئاچ قويغان. بۇ يىل 31 ياشتىكى تۇداخۇن ھوشۇر ئىلى ۋىلايىتىنىڭ سۈيدۆڭ ناھىيە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق يەككە تىجارەتچى ئىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر ئۇنى سۈيدۆڭ ناھىيىسىنىڭ قوشئېرىق تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى " بىر كامىرغا ئېسىپ قويغان ۋە ئۇنى ئۇرغان" شۇنداقلا ئۆتكەن جۈمە كۈندىن بېرى ئاچ قويغان. تۇداخۇن ھوشۇر بۇ يىل 22 - مارت كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن ئاتالمىش " دۆلەتنى پارچىلاش سۈيقەستى" بىلەن قولغا ئېلىنغاندىن بېرى سۈيدۆڭ ناھىيىسىدىكى قوشئېرىق تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە سولاپ قويۇلغان ئىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۇرداخۇن ھوشۇر خىتايچە بىلمىگەنلىكتىن تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ 45 ماددىلىق قائىدە - تۈزۈمىنى يادلاپ بېرەلمىگەن ۋە شۇ سەۋەبدىن جازالانغان.
بىز سۈيدۆڭ ساقچى ئىدارىسى ۋە قوشئېرىق تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ تۇداخۇننىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفوننى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. تۇداخۇننىڭ ئەھۋالىدىن پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى باياناتچىسى ئالىم سېيتوف، " بىز بۇ ئۇچۇرنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش ئارقىلىق بولمىدى دېگەندە زىيانكەشلىكنىڭ توختىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دەيدۇ. ئۆتكەن ھەپتەخىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ 2 ئوغلىنى قولغا ئالغان ۋە بىر قىزىنى ئائىلىسىدە نەزەربەند قىلغان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ساقچى ئىدارىسىغا سولىۋالدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قازاقىستاندا تۇتۇپ قېلىنغان ئىككى ئۇيغۇر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
- قارامايدا بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى قولغا ئېلىندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسمايىل سەمەتنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى
- خىتاي دائىرىلىرى كېرىيە ناھىيىسىدە تازىلاش ئېلىپ باردى