ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە قاناللىرى كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؟


2008-02-08
Share

ئۇيغۇر ئىلىدىكى تور بەتلەردە ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى 4 دەن 3 قىسىم تېلېۋىزىيە نۇمۇرلىرىدا ياد مەدەنىيەتلەرنىڭ تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دەپ تەنقىد قىلدى. تور بەتلىرىدە كىشىلەر ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى" ئۇيغۇر تېلېۋىزىسى زادى قايسى مەدەنىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ،" دەپ تەنقىدلىگەن. ئۇيغۇر ئىلىدىكى تور بەتلىرىدە چىققان بۇ ھەقتىكى بىر ئانالىزدا ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ پروگراممىسى ياد مەدەنىيەتكە تەۋە نومۇرلارنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ ۋەزىيەت ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىگە خىرىس ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ھەقتىكى ئانالىزلاردا مۇنداق دەيدۇ، " ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە نۇمۇرلىرىدىكى ئاز ساندىكى مۇلاھىزە، سۆھبەت، خەۋەر شۇنداقلا ناخشا - ئۇسۇل نومۇرلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەممىسى، يەنى 4 دەن 3 ى باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ". بۇ ھەقتىكى ئانالىزلاردا يەنە ، تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى ئۇيغۇرلارغا تەۋە سەھنە ئەسەرلىرىنى چەتكە قېقىش بىلەن ئەيىبلەپ "ئۆتكەنكى 10 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان مەدەنىيەت ساھەسىدىكى درامما، كىنولار ئاساسەن قويۇلمىدى دېسەك، ھەرگىز ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايمىز............ باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن سۇغۇرۇلغان فىلىملەرنى كۆرگەن بالىلىرىمىز، ھەتتا بىز ئاتا - ئانىلارمۇ مىللىي كىملىكىمىزنى يوقىتىپ قويۇۋاتىمىز " دەيدۇ.

بۇ ھەقتىكى ئانالىز ۋە ماقالىلەردە ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە قانىلى كىم ئۈچۈن ۋە كىمنىڭ مەدەنىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ" دېگەن مەسىلە ، تېلېۋىزىيە سېپىدىكى ئاۋانگاردلار ئەڭ ئالدى بىلەن ئويلانمىسا بولمايدىغان جىددىي مەسىلە بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە ئۇلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ئىكەن. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى بولسا خىتاينى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقېش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت