ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىردى

31 - ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى شىتابىدا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى تەكلىپ قىلىپ بىر سۆھبەت ھەم دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008-08-31
Share

 يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر شۇنىڭدەك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىشنى مەقسەت قىلغان مەزكۇر يىغىندا ئالدى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى ئالىم سېيىتوف قىسقىچە دوكلات بېرىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئالىم سېيىتوف سۆزىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ ئۇنى ئاق سارايدا قوبۇل قىلىشى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پرېزىدېنت بۇشقا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلىرى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بەرگەنلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھىسى، ئۇيغۇر خەلقئارا دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ھەمدە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بەردى.

رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇشۇ بىر يىلدىن بۇيان غەرب مەملىكەتلىرىدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەندىن سىرت يەنە شىتابى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھىسى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ھەم ئاياللار مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك مەسىلىلەر بويىچە دوكلاتلارنى تەييارلاپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا سۇنغاندىن سىرت يەنە ئىككى قېتىم خەلقئارا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىنسان ھوقۇقى ھەم دېموكراتىيە بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر پائالىيەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە ئەنە شۇنداق زور تىرىشچانلىق بەدىلىگە ھازىر كۆپلىگەن مۇخبىرلار، خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قىزىپ، ئۇلاردىن ئېنىق پاكىتلارنى سوراشنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى، قىسقىسى خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشلارنىڭ ھازىر زور دەرىجىدە ئۆسكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكى سۆھبەت ۋە دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان ئىشتىراكچىلار نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى قانداق قىلغاندا خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىلدۈرۈش، ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش قەدىمىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش شۇنىڭدەك يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ كۇشادە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردى.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت