ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۈزەلنۇر تۇردى توغرىسىدىكى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى


2008.03.29

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى، شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 19 - ياشلىق ئۇيغۇر قىزى گۈزەلنۇر تۇردى نىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە خىتاي يولوچى ئايروپىلاننى پارتىلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرىگە ئىنكاس قايتۇردى.

باياناتىدا، ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، خەلقئارا جامائەتنى خىتاينىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدىكى باياناتلىرىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن. "خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان يوقۇتۇش سىياسىتىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن پايدىلانماقتا."

باياناتىدا،خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ داۋاملىق قاتتىق قېين - قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، "خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن ۋەھشى قىيناش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم بىر ھەقىقەت" دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە گۈزەلنۇر تۇردىنىڭ خەلقئارا قانۇن-قائىدىلەرگە مۇۋاپىق ھالدا سوتلىنىشى، تۈرمىدە قيىن - قىستاقلارغا ئۇچرىماسلىقى، ئوچۇق سوتلىنىشى ۋە ئادۋوكات تۇتۇشىغا رۇخسەت بېرىلىشى ئۈچۈن، خەلقئارا جامائەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.