ئامېرىكا - ئۇيغۇر بىرلەشمىسى: خىتاي قاتتىق بىر باستۇرۇش ھەرىكىتىگە تەييارلانماقتا

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۆرەش توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يېڭى بىر قاتتىق بېسىم دەۋرىنىڭ باشلىنىشنىڭ بېشارىتى ھېسابلىنىدۇ دەپ، كۆرسەتتى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.08.23

 ۋاڭ لېچۈەن يېقىندا دۆلەت كادىرلىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشنى 'ھايات - ماماتلىق كۆرۈشى،' دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا - ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلگەن قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىنمۇ ئېغىر بىر باستۇرۇش ھەرىكىتىگە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

چەتئەللىك دىپلۇماتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق بىر باستۇرۇش ھەرىكىتىگە تەييارلىنىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، بېيجىڭدىكى بەزى چەتئەللىك دىپلوماتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە بولغان دىققىتىنىڭ ئازىيىشى بىلەن ھەربىي بىر ھەرىكەت باشلىتىشى مۇمكىنلىقىنى بايان قىلىشماقتا" دېيىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەر ۋە كۇچادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك بىر تۇتقۇن ھەرىكىتى باشلاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇ قېتىمقى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چەكلىنىپ قالماي، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى، بېيجىڭ قاتارلىق خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر شەھەرلەردىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا - ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارىدىغان ھەرقانداق باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ رايوننى تېخىمۇ توراقسىزلاشتۇرۇدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۆز مىللىي مەنپەئەتىگىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتىدا، خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇر مەسىلسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.