ئۈرۈمچىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 300 نەپەر ئادەم "3 خىل كۈچ" جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان


2007.09.24

23- سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە "بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يىغىنى" ئېچىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئامانلىق ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى "3 خىل كۈچ" ۋە "فالۇنگۇڭ" مۇرىتلىرى بولۇپ 300 گە يېقىن ئادەمنى قولغا ئالغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: "بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 'ئۈچ خىل كۈچلەر' ۋە 'فالۇنگۇڭ' قاتارلىق بىدئەت دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەرخىل بۆلگۈنچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، '3 خىل كۈچ' ئۇنسۇرلىرىدىن 300 نەپەرگە يېقىننى قولغا چۈشۈردى."

ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر خەۋەردە، ئۈرۈمچى ج خ تارماقلىرىنىڭ يەنە يەر ئاستى دىنىي مەكتەپتىن 35 نى، دىنىي تەلىم بەرگەن قارىمدىن 106 نەپەرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ۋە 167 نەپەر دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان ئۆسمۈرنى "ئازات" قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان.

بىر ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان "خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتى" نىڭ خىتايغا قارىتىلغان قىسمىغا قارشى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ دوكلاتىنى "ئاساسسىز" دەپ ئاتىغان ۋە خىتاي باياناتچىسى جياڭ يۈ، خىتايدا پۇقرالارنىڭ "كەڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن" بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ھالبۇكى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدە دىنى تەلىم بەرگەن نۇرغۇن قارىملار قولغا ئېلىنغان ۋە دىنى تەلىم ئېلىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ تارقىتىۋىتىلگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نارازىلىق باياناتىغا قارا كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرماقتا. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.