ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئۇچقۇچى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا پەقەت ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئۇچقۇچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرچە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشقا بۇيرۇلغان.
خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئولىمپىك ئاياغلاشقىچە ۋەزىپە ئۆتىمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، يولۇچىلار ئايرۇپىلانلىرىدا ئۇچقۇچى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ھازىر ئۇچقۇچىلارنى ھەربىي ساھەدىن تەكلىپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.