شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى "ئۈچ خىل كۈچ" كە قارشى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى


2005.10.27

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى " تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىق" قا قارشى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى جاڭ دېگۇئاڭ پەيشەنبە كۈنى موسكۋادىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا "بىز ئۈچ خىل كۈچنىڭ پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىشتە زور مىقداردا خىزمەت ئىشلىدۇق، ئەمەلىي ئۈنۈملەرنىمۇ قولغا كەلتۈردۇق. بۇندىن كېيىن، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر بۇ تەرەپتىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ" دېدى. ئۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن موسكۋاغا كەلگەن. ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يىتەكچىلىرى بولغان خىتاي ۋە رۇسىيە، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۆكتىچى پائالىيەتلەردىن ئەندىشە قىلماقتا. خىتاي ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى، رۇسىيە بولسا چېچەنلەرنى " تېررورچى" دەپ ئاتاپ، ئۇلارنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

جاڭ دېگۇئاڭ يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ غەربكە قارشى كۈچ ئويۇشتۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ بىر ھەربىي ئىتتىپاققا ئايلىنىش نىيىتى يوقلىقىنى تەكىتلىدى. بىراق ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى بىكىتىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۇرغۇن ئانالىزچىلار، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بارغانسىرى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى سىقىپ چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ يىل 7 - ئايدا، ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بازىلىرىدىن قوشۇن چىكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.