ئۇيغۇر ئېلىدە "ئۈچ خىل كۈچلەر" نىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى


2006.03.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئىدارىسى، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ يىل 5‏-ئايدىن 12‏- ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپ ئورۇنلىرىدا "ئۈچ خىل كۈچلەر" سىڭىپ كىرىشىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارىدىكەن.

ج خ ئىدارىسى مەخسۇس تۈر بويىچە ئېلىپ بارىدىغان بۇ ئالاھىدە ھەرىكىتىنى تونۇشتۇرۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان "ئۈچ خىل كۈچلەر" نىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ساددا بولۇشى، جەمئىيەت تەجرىبىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى شۇنداقلا ئاق-قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا بۆلگۈنچى ئىدىيىلەرنى سىڭدۈرۈپ، مەكتەپ ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلى خەۋەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھەرىكەت ئاپتونوم رايوننىڭ 2006‏- يىلدىكى نۇقتىلىق تەرتىپكە سېلىش مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. شۇنداقلا بۇ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغان 7 ئاي ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ھەتتا ھەر قايسى مەكتەپلەرگە ياردەملىشىپ مەكتەپ قوغداش ئەترەتلىرىنى قۇرۇپ بېرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىمۇ كۆپ قېتىم بۇ خىزمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالدىنقى مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.