تېخى بىر يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدە چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە 5.1 بال يەر تەۋرىگەن. ئەمما ھازىرغىچە زەخمىلىنىش ياكى زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
مەزكۇر رايوندا تېخى بۇ يىل 2 -ئاينىڭ 15 - كۈنى 6.2 بال يەر تەۋرەپ، ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدىكى 8 يېزا ۋە 1 كەنتكە تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە شۇ سەۋەپتىن بىر كىشى قازا قىلىپ، ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان خەلقنىڭ سانى 28 مىڭدىن ئاشقان ئىدى.
ئۇ چاغدا، يەر تەۋرەشتە ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن خەلقلەر قىشتا تالادا قېلىش ۋە ياردەم بويۇملىرى ۋاقتىدا يېتىپ بارماسلىققا ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەر كېلىپ چىققان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيىسى 180 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ 97٪ ئى ئۇيغۇرلاردۇر. يەر تەۋرەش تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان 16 مىڭغا يېقىن نوپۇسى بار يېڭى ئاۋات يېزىسىنىڭمۇ ٪ 98 ئى ئۇيغۇرلار. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان رايونلارغا ھەقىقىي ياردەم قىلىنىۋاتامدۇ؟
- ئۈچ تۇرپاندىكى دائىرىلەر قۇتقۇزۇش سوممىسىنىڭ ئازلىقىدىن شىكايەت قىلدى
- ئۇچتۇرپاندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان قىسمەن كىشىلەر ھازىرغىچە ياردەمگە ئېرىشەلمىدى
- يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى تەلتۆكۈس بولمىدى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈچ تۇرپان ناھىيىسىدە يەر تەۋرىدى