ئۇچتۇرپاندا 16 مىڭ ئەتراپىدىكى 'ئون بېشى' چارلىغۇچى ساقچىلارغا ھەمكارلاشماقتا

ھازىر خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر تۈرلۈك چەكلەش ۋە باستۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچتۇرپان ناھىيىسى تەۋەسىدە تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-04-28
Share

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر مەزكۇر ناھىيىدە 'ئون بېشى' بولۇپ تەيىنلەنگەن خادىملار ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق، خادىمى ئوتتۇزدىن ئارتۇق، جىددىي ئەھۋاللارغا قارشى تۇرۇش قىسىملىرى 20، بىرلەشمە ئامانلىق قوغداش قىسىملىرى 100، بۇلارنىڭ جەمئىي خادىمى 16مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلار مەزكۇر ناھىيە تەۋەسىدىكى ساقچى، ئەسكەر ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئوز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

مەزكۇر ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ كېچىلىرى مەھەللىلەردە چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ھەمدە خالىغان بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە خالىغان ۋاقىتتا بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئاختۇرۇش ئېلىپ بارالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دىلشات رىشىت: "شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەھەللىسى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندى" دەيدۇ.

دىلشات رىشىت يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىناق جەمئىيەت بەرپا بولدى دەپ كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر تەرەپتىن قورال كۈچى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: " خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى تەرۇز قىلماقتا." دېدى.

دىلشات رىشىت بۇ پەقەت ئۈچتۇرپاندىكى ئەھۋال بولماستىن بەلكى، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىگە ئومۇملاشتۇرۇلغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە: "بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ " دېدى.

 ئۇ ئاخىرىدا خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ھەمدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە چوقۇم دىققەت - ئېتىبارىنى بېرىپ، خىتايغا مەزكۇر قىلمىشلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش جەھەتتە بېسىم ئىشلىتىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت