ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە بىر كۆمۈر كان قۇدۇقىدا پارتلاش يۈز بەردى
2007.12.16
16- دېكابىر كۈنى قىزىل سۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا تەۋە ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى بىر كۆمۈر كان قۇدۇقى پارتلاپ كېتىپ، تۆت ئىشچى ئۆلگەن، ئىككى نەپىرى يارىلانغان.
شىنخۇا خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر كۆمۈر كان ۋەقەسى ئۇلۇغچات ناھىيىسى، ئۇلۇغچات يېزىسى تەۋەلىكىدە يەنى ناھىيە مەركىزىدىن 123 كىلومېتىر نېرىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا كان ئاستىدا ئۈچ نەپەر ئىشچى ئىشلەۋاتقان ئىكەن.
ھازىر، قىزىل سۇ دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ سەۋەبلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. بىراق، ئۇلۇغچات قىرغىز ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ناھىيە بولسىمۇ، ئەمما، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مىللىي كىملىكى شۇنىڭدەك مەزكۇر كاننىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەمدە قازاغا ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەم تۆلەش مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەققىدە ھېچ نېمە يازمىغان.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن كۆمۈر كانلىرى ئىچكىرىدىن چىققان خىتاي خوجايىنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي پۇلدار خوجايىنلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر زاپىسى مول جايلاردا خالىغانچە كان ئاچماقتا. ئۇلار پۇل تېپىشنىلا كۆزلەپ، كان ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن، نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمىغان چوڭ كىچىك كانلار پەيدا بولغان ۋە ھادىسىلەر داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرغان. ( ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمى ئۇيغۇر ئىلكىدىكى ئالتۇن زاپاسلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئاچماقچى
- باغراش كۆلىدە بېلىقچىلىق پورتى قۇرۇلماقتا
- خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا ماكانلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا
- ئۇيغۇر ئىلىدىن بېيجىڭغا ئەرز سۇنۇشقا بارغان خىتاي ئەرزدارلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
- ۋاڭ لېچۈەن قاتناشقا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىر قىلىپ ئۆستۈرۈلمەكچى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ چوشقا بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى
- ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرى تۇرپاندا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىنى يوشۇرماقتا
- ئۇيغۇر ئېلى بىلەن سىبىرىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر قويۇقلاشماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا زادى نېمە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ ؟