رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 27 نەپەر ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرى ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىساد ئۇچۇر مەركىزى ئاچقان تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشقان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق كومپيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا خاراكتېرلىق تەربىيىلەش پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
مەزكۇر تەربىيىلەش كۇرسىغا كەلگەنلەر ئاساسلىقى ھۆكۈمەت ئۇچۇر تېخنىكا خادىملىرى، ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانىچىلار بولۇپ، كۇرس 28-مايدىن 11-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىكەن. كۇرس جەريانىدا قاتناشقۇچىلارغا ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى ۋە ئۈرۈمچىدىكى بەزى مۇھىم كارخانىلارنى زىيارەت قىلدۇرۇشمۇ كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن.
مەزكۇر تەربىيىلەش كۇرسىنى ئۇيۇشتۇرغان ئەربابلار بۇ كۇرسنىڭ خىتاينىڭ رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان كومپيۇتېر ئۇچۇر ۋە تور تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرىنى ئاشۇرۇش جۈملىدىن خىتاينىڭ كومپيۇتېر تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىدا بازار تاپقۇزۇشنى مەقسەت قىلغان .
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىگە بىنائەن ئۈرۈمچىنى خىتاي بويىچە چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنى خىتاينىڭ غەربىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆرسىتىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم باشقا تەسىرلىرىدىكى بازا قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى ، شۇ سەۋەبتىن ئۈرۈمچىدە بەزى خەلقئارالىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.(ئۈمىدۋار) .