ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىدا ۋىزا بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى


2007.06.10

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى 10-ئىيۇندىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ كىرىش ئۆتكىلىدە چەتئەللىكلەرگە ۋىزا بېجىرىپ بېرىش تۈزۈمى يولغا قويدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 10-ئىيۇندىن ئېتىبارەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا ساياھەت، خىزمەت، پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن كېلىدىغان چەتئەل پۇقرالىرى بىۋاسىتە ئۈرۈمچى ئايرودرومىنىڭ چېگرا ئۆتكىلىدە تەكلىپنامە قاتارلىق كېرەكلىك ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىپ، خىتايغا كىرىش شەرتلىرىگە چۈشسە ۋىزا ئېلىپ، خىتاي تېررىتورىيىسىدە پائالىيەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى چەتكە ئاچقان خالىغان بىر ئېغىز ئارقىلىق چېگرىدىن چىقسا بولىدىكەن.

10-ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىدا مەخسۇس ۋىزا بېجىرىش ئىشخانىسى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەمما مەزكۇر ئىشخانا پەقەت بىرلا قېتىم كىرىش ۋىزىسى بېجىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا يولغا قويۇلغان بۇ بەلگىلىمىنىڭ پەقەت ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلاردا ۋىزا ئېلىشقا ۋاقتى يەتمىگەن، جىددىي سەپەرگە ئاتلانغان چەتئەل پۇقرالىرىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى خىتاينىڭ چەتكە ئاچقان بەش چوڭ ئايرودرومىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، چەتئەللىكلەرنىڭ بۇ ئايرودروم ئارقىلىق خىتايغا كىرىشى ئۆتكەن يىلى 130 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن ئىكەن.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن بىشكەك، ئالمۇتا، ئىسلام ئاباد، موسكۋا، يېڭى سىبىرىيە قاتارلىق شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنىشىشى يولغا قويۇلغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.