خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى پەيشەنبە كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتىگە ئائىت 10 دېلونى تەستىقلاپ، 18 ئادەمنى تۇتۇشقا بۇيرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى، ئۆتكەن يېرىم يىلدا 3430 دىلوغا ئائىت 4909 كىشىنى تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىشقا بۇيرىغان ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 10 دېلودىكى 18 كىشى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن . باشقا يەنە ، پارىخورلۇق دېلولىرىدىن 52 سى پاش قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئېلىدە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلىرى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنى ئەڭ كۆپ جازالىغاندىن سىرت، ئۇلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئىجرا قىلماقتا .
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن 18 كىشىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. (ئەقىدە)