خىتاي ئۈرۈمچىدە قوش تىلى مۇتەخەسسىسلىرى "ئىسكىلاتى" قۇردى


2008.01.13

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى قوش تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىيات سۈرىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىشنىڭ يەنە بىر ۋاسىتىسى سۈپىتىدە "قوش تىل ئوقۇتۇش مۇتەخەسسىسلىرى ئىسكىلاتى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئورۇن قۇرۇپ ، بۇنىڭغا قوش تىلى ئوقۇتۇشتا تەجرىبىسى مول دەپ قارالغان ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ، 273 ئادەمنى دەسلەپكى قەدەمدىكى ئەزا قىلىپ بېكىتتى.

شىنخۇئا خەۋەر تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر " مۇتەخەسسىسلەر ئىسكىلاتى "نىڭ ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسى قوش تىللىق ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ھەم تەتقىق قىلىشتىن باشقا يەنە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشتىن ئىبارەت ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئىسكىلاتىنىڭ ئەزالىرى يەنە يەرلىك ئورگانلارغا قوش تىلى ئوقۇتۇشقا ئائىت تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىنى بېرەلەيدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قوش تىللىق ئوقۇتۇش مۇتەخەسسىسلىرى ئىسكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايوننىڭ قوش تىللىق مائارىپىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش، ئوقۇتۇش مېتودى ۋە سۈپەت ئۆستۈرۈش ھەم قېلىپلاشتۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قوش تىللىق مائارىپ دېگەننىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى تامامەن يوقىتىپ، پەقەت خىتاي تىلىنى دەسسىتىش شۇنىڭدەك كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، خىتاي مىللىتىگە سىڭدۇرۇش دەپ قارىماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.