ئۈرۈمچىدە جىددىي ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان لېگونىللا ۋىرۇسى بايقالغان


2007.09.12

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا 9 ‏- ئاينىڭ 11 ‏- كۈنى بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىش مەركىزى 10 ‏- سېنتەبىر كۈنى، ئۈرۈمچىدە ئۈچ ئورۇندا جىددىي ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان لېگونىللا ۋىرۇسى بايقالغانلىقى ھەققىدە جىددىي كېسەللىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە بايقالغان لېگونىللا ۋىرۇسى پەيدا قىلىدىغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كېسەللىك بەلگىلىرى بۇرۇن بايقالغان سارس كېسەللىكىنىڭ بەلگىلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇنداق ۋىرۇس بىلەن ياللۇغلانغان كىشى پۈتۈن بەدىنىدە بىئاراملىق، مۇسكۇللىرى تېلىپ ئاغرىش، نەپىسى سىقىلىشنى سېزىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئاسان ساقايمايدۇ، ئېغىر ياللۇغلانغان كىشىلەر تېز ئۆلۈپ كېتىدۇ.

ئۈرۈمچى كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىش مەركىزى بۇنداق جىددىي كېسەللىك ۋىرۇسىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، بىنالار ياكى تورالغۇلاردىكى مەركىزى سالقىنلىتىش سېستىمىسىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.