ئۈرۈمچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا ‏- باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىشى قىيىن بولماقتا

سېنتەبىر كىرىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى 300دىن ئارتۇق ئوتتۇرا ھەمدە باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ،3 - سېنتەبىردىن باشلاپ يېڭى مەۋسۇملۈك دەرسنى رەسمىي باشلىدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى باشلىقى لى جيەنشىڭنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئوتتۇرا ھەم باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچى سانى پەۋقۇلئاددە ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈنگەن بولۇپ ، مەكتەپلەر ئاساسەن تويۇنما ھالەتتە ئىكەن شۇنداقلا ئوقۇغۇچى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىرلاشقان يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ، سىنىپ يېتىشمەسلىك، پارتا يېتىشمەسلىك ،ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىكتەك ئەھۋال جىددىي بولماقتا ئىكەن.

لى جيەنشىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا نەچچە ئونمىڭ ئوقۇغۇچى كۆپەيگەن. مەكتەپلەر بۇ ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپلارنى كېڭەيتىش ئارقىلىق قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. بەزى سىنىپلاردا ئوقۇغۇچىلار سانى 60تىن ئېشىپ كەتكەن. ھەتتا دەرس باشلانغان بولسىمۇ ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بەزى سىنىپلىرىدا ئوقۇغۇچىلار ئۆرە تۇرۇپ دەرس ئاڭلاشقا مەجبۇر بولغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئېنىقلىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئەسلى ئولتۇرۇشلۇق يەرلىك نوپۇسنىڭ ئوقۇش يېشىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ سانى ئۇنچە كۆپ ئەمەس بولۇپ ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ئاقما نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى نەتىجىسىدە، مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار يىلدىن ‏- يىلغا ئېشىپ بارماقتا.

بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ شەھەرلەرگە كىرگەن دېھقان ئىشچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش ھەققىنى بىكار قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەردە خىتاي ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھەسسىلەپ كۆپىيىپ مەكتەپلەردە يۇقىرىقىدەك ئوقۇغۇچى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىرلاشماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)