ئۈرۈمچى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى نوپۇس ئەھۋالى ھەققىدە سېنتەبىرنىڭ ئاخىرى چىقىرىلغان ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى نوپۇسى ئىككى مىليون 261 مىڭ 185 كە يەتكەن.
ستاتىستىكىدا مىللەتلەر ئايرىمىسى بۇيىچە نوپۇس ستاتىستىكىسى تولۇق بېرىلمىگەن بولسىمۇ ئەمما، ئۈرۈمچى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %71.94ىنى خىتاي نوپۇسى ئىگىلەيدىغانلىقى، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %28.6 كە يېتىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسىي يەرلىك مىللەت ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.
ئىلگىرىكى مەلۇماتلاردا خاتىرىلىنىشىچە 1949 - يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۈچمەنلىرىنىڭ نوپۇسى 300 مىڭ ئەتراپىدا بولغان. بەزى كۆزەتچىلەر نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەرلىك ھەم كۆچمەن ئەمەلىي نوپۇسنىڭ تۆت مىليونغا بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا شۇنداقلا خىتاي كۈچمەنلىرىنىڭ ئىگىلەيدىغان نىسبىتى دائىرىلەر مەلۇم قىلغاندىنمۇ ئارتۇق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى كۆچمەنلەر نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ مەيدانغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. يەنى بۇنىڭدا قاتناش توسالغۇسى بارغانچە ئېغىرلاشقان، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا مەكتەپ يېتىشمەسلىك كۆرۈلگەن. كۆرسىتىلىشىچە، شەھەرنىڭ كېرەكسىز سۇ ھەم ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش سېستىمىسىغا ئالاھىدە بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىدەك مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەر ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەرگە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىش بىلەن بىر پەيتتە، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە شىددەت بىلەن يۆتكەپ، كۆچمەن خىتايلارنى بارغانچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇشتەك سىياسىي غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا "دەپ نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. (گۈلچېھرە)