ئۈرۈمچى شەھەر سىرتىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ئۈچ ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 25 - ئىيۇن، دۈشەنبە، كەچ سائەت 21 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى سىرتىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ جۇجياۋەن قىسمىدا جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ماڭغان ئالتە ماشىنا ئەگەشمە ۋەقەگە ئۇچراپ، بەش ماشىنىغا ئوت كەتكەن. بۇ ئېغىر قاتناش ۋەقەسىدە ھازىرغىچە مەلۇم بولۇشىچە، ئۈچ ئادەم ئۆلگەن. تۆت ئادەم ئېغىر يارىلانغان.

مەزكۈر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خېلى مەزگىلگىچە قاتناش ئۈزۈلگەن. ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش، ھەمدە قاتناش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش خادىملىرى ھازىرغا قەدەر مەزكۇر قاتناش ۋەقەسى مەيدانىنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا ئىكەن.

مەزكۈر قاتناش پاجىئەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە دائىرىلەر تېخى مەلۇمات ئېلان قىلمىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاتناش ۋاستىلىرى شۇنداقلا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يوللىرى تەرەققىي قىلىپ كۆپەيگەن بولسىمۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەجەللىك قاتناش ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە. ئىلگىرىكى ئوخشاپ كېتىدىغان قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ ئاساسەن كېچىدە يول يۈرگەن شوپۇرلارنىڭ ئۇخلاپ قېلىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقى ئېنىقلانغان ئىدى. شۇنداقلا شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە قانۇنسىز يوللار بىلەن ئىگە بولغان نائۇستا، تەجرىبىسىز كىشىلەرنىڭ ۋەقە سادىر قىلىشى بىر قەدەر يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىمەكتە. (گۈلچېھرە)