ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا سودا-ئىقتىسادى بويىچە يۇقىرى قاتلام مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى


2007.07.08

8- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھەر قايسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى ھەم تىجارەت ساھەسىدىكى ئەربابلار بىرلىكتە 2007-يىللىق ئوتتۇرا ئاسىيا سودا-ئىقتىساد مۇھاكىمىسى ئۆتكۈزدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر مۇھاكىمىگە قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك شەخسلەر ئىشتىراك قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئەربابلار ۋە سودا -سانائەتچىلەر ئۇيغۇر ئېلى جۈملىدىن خىتاينىڭ ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تىببىي ئۈسكۈنىلەر، ماشىنىسازلىق قاتارلىق ھەر قايسى ساھەنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئالاھىدە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىننىڭ ساھىبخانلىقىنى زىممىسىگە ئالغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى نەيىم ياسىن بۇ مۇھاكىمىگە شۇنىڭدەك ئۈرۈمچىنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىسىدىكى ئورنىغا يۇقىرى باھا بېرىپ،" ئۈرۈمچىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن زامانىۋى خەلقارالاشقان سودا شەھىرى بولۇش نىشانى مۇقىملاشتۇرۇلدى ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى كارخانىلىرى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ھەم ھەمكارلىشىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور پۇرسەت ۋە مەيدان ھازىرلاپ بېرىدۇ ، شۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئورتاق گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.