11 ‏- ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى ئاھالىسى يۇندا پۇلى تۆلەيدۇ

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى 2007- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىچىملىك سۇ پۇلىنىڭ ھەر بىر كۇب مېتىرىغا 1 يۈەندىن ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش پۇلى قوشۇپ ئېلىشنى قارار قىلدى.

مەزكۇر پۇل تۇرمۇش ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ھەق سۇ پۇلى يىغىش ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا يىغىۋېلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كارتىلىق سۇ سائىتى قويۇلغان ئاھالىلەردىن، كارتا بىلەن سۇ سېتىۋالغاندا يۇندا پۇلنىمۇ قوشۇپ ھېسابلاپ ئېلىپ، ئادەتتىكى سۇ سائىتى بار ئاھالىلەردىن مەھەللە خوجىلىق باشقۇرۇش تارماقلىرى سۇ پۇلىغا قوشۇپ يۇقىرىقى باھا بۇيىچە ھەر كۇب مېتىرىغا 1 يۈەندىن يۇندا پۇلى قوشۇپ يىغىۋالىدىكەن.

سودا مۇلازىمەت كەسپىدىكىلەر ئىشلەتكەن سۇغا ۋە ئالاھىدە سۇ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار، ئىستىمال قىلغان ھەر كۇب مېتىر سۇغا 0.8 يۈەندىن يۇندا (تۇرمۇش ئەخلىتىنى) بىر تەرەپ قىلىش پۇلى قوشۇپ تۆلەيدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى بۇ خىل ھەق ئېلىش ئۇسۇلىنى " ئىككىنىڭ بىرلىكى" دەپ ئىجابىي يوسۇندا سۈرەتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سۇ باھاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى خېلى كۆپ سالماقتىكى شەھەر ئاھالىسىنى "شەكلى ئۆزگەرگەن باھا ئۆستۈرۈش" دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈلۈپ ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىغان. (جۈمە)