" ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى" نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى، 16 ‏- نۆۋەتلىك " ئۈرۈمچى " يەرمەنكىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى بېيجىڭدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزدى.

خىتاي خەۋەر ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كاتتىباشلىرىدىن خۇ ۋېي، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشىنى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەزكۈر يەرمەنكىدىن بەھىر ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، تاشقى سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 19 مىليارد 610 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، تاشقى ئىقتىساد ھەمكارلىق پۈتۈشۈش سوممىسى 6 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، ئىچكى ئىقتىساد - سودا پۈتۈشۈم ئومۇمىي سوممىسى 410 مىليارد 690 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ھەر نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدىغان سودىگەرلەرنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئېشىپ، 900 دىن ئارتۇق كارخانا يەرمەنكىگە قاتناشقان.

ئەمما 16 قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن " ئۈرۈمچى " يەرمەنكىسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى: " ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق سودا ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ۋە بۇ زىمىندىكى مۇنبەت يەر بايلىقلىرىدىن ئۇيغۇرلار بەھىرلەنگەن ئەمەس، ئەگەر خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن بولسا، بۈگۈن ئۇيغۇرلار خىتايدىكى ئەڭ نامرات كىشىلەر ھېسابلانمايتتى" دەيدۇ.

ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى يەنە " ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى" ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئېچىلىشى": چەتئەللىك سودىگەرلەرنى بۇ رايونغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، يېتەرلىك ۋاقىت ھازىرلاش مەقسدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش" تىن ئىبارەت دىيىشمەكتە .

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ياپونىيە رادىئو جەمئىيىتى، ئەنگىلىيە رېتىر ئاگېنتلىقى ، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋە خىتاي ئاخبارات ئورۇنلىرى بولۇپ50 تىن ئارتۇق ئاخبارات ئىدارىسى ھەمدە رۇسىيە، قازاقىستان ، پاكىستان، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ، سودا ۋەكىللىرى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان. (ئەقىدە)