ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى ئېچىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.02
2008.09.02
بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى، يەرلىك ئىقتىسادى سودا يەرمەنكىسىدىن دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادى سودا يەرمەنكىسى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق يەرمەنكە ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى، خىتاي خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن.
يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكە ھەم خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون رەھبەرلىرى ھەم سودا ئۆمەكلىرىدىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلىگە چېگرىداش بولغان سەككىز دۆلەت ئەلچىخانا ۋەكىللىرىنى ھەم سودا ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتكەندىن باشقا، يەرمەنكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى پولات نۇرغالىيوف، تۈركىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كۇرشات تۈزمەن ۋە يەنە ئامېرىكا، كورىيە، ھىندونېزىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار مىنىستىر ئەرباپلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.
يەرمەنكىگە 25 دۆلەت ھەم رايون، خىتاي ئىچىدىن يىگىرمە نەچچە ئۆلكە شەھەرلەردىن كەلگەن سودا ئۆمەكلىرى ۋە مېھمانلار بولۇپ ئوتتۇز مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قاتناشقان. شۇنداقلا ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان خەلقئارالىق تەشكىلات ھەم دۆلەت ۋەكىللىرى - 2008 يىللىق مەركىزى، غەربىي جەنۇبى ئاسىيا رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق مۇھاكىمىسىگە قاتناشقان.
ئۈرۈمچىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىللىق يەرمەنكىگە قاتناشقان سودا ئۆمەكلىرى ھەم سودىگەرلەر ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا ئالاھىدە كۆپ بولۇپ،بۇلتۇرقىغا قارىغاندا زال ئىچى يايما ئورنىدىن 249 ى، زال سىرتىدا يەنە 40 يايما ئورنى كۆپەيتىلگەن. بۇ قېتىملىق يەرمەنكىمۇ سودا ئالاقە ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئاساس قىلغان.
گەرچە ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى 17 يىلدىن بۇيان ئوخشاش ۋاقىت، ئوخشاش ئورۇندا يىلدىن - يىلغا كېڭىيىپ داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەرلىك ئۇيغۇر كارخانا ھەم سودىگەرلىرىگە ئىنتايىن چەكلىك ھالدا ئورۇن بېرىلمەكتە. بۇ قېتىملىق يەرمەنكىدە ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى نامەلۇم.
ئۇيغۇر ئېلىدە چاتما ۋەقەلەر يۈز بەرگەن، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا قاتتىق باستۇرۇشنى داۋاملىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئېچىلغان بۇ خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى، دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭمۇ نەزىرىگە ئېلىندى. خەۋەرلەردە ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتىنىلا نىشان قىلغان ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ سودا ئالاقە ھەم مەبلەغ سېلىش سەھنىسى بولۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.