ئۈرۈمچىدە بەش ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەلقئاراغا يېيىلدى
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.07.09
2008.07.09
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى تۇتماقچى بولغان 15 ئۇيغۇر بىر بىناغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇنىڭ 5 ى ئايال، بۇلارنىڭ ھەممىسى 'جاھات قىلىش' ئۈچۈن تەلىم ئالغان كىشىلەر. ئۇلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى ۋە 1949 - يىلىدىن كېيىن شىنجاڭغا كەلگەن خىتايلارنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
خىتاي ساقچىلىرى بۇلارنى تۇتقاندا، يېنىدا پىچاق بار ھەم قارشىلىق كۆرسەتكەن 5 كىشىنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. 8 ىنى قولغا ئالغان، يارىلاندۇرۇلغان يەنە ئىككى كىشى ھازىر دوختۇرخانىدا.
فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرى 'ئاسىيا - تىنچ ئوكيان گېزىتى'، 'خەلقئارا ئۇچۇر مۇنبىرى' قاتارلىق خەلقئارالىق چوڭ گېزىتلاردا بېسىلىپ چىقتى. ئەنگلىيىدە چىقىدىغان تېلېگراف گېزىتىمۇ بۇ ھەقتە بىر قەدەر تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى.









