ئۈرۈمچىدە بەش ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەلقئاراغا يېيىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 7 ‏ - ئاينىڭ 9 ‏ - كۈنى بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە 'رادىكال ئىسلام بۆلگۈنچىلىرى' دېگەن جىنايى نام بىلەن 5 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.


 شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى تۇتماقچى بولغان 15 ئۇيغۇر بىر بىناغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇنىڭ 5 ى ئايال، بۇلارنىڭ ھەممىسى 'جاھات قىلىش' ئۈچۈن تەلىم ئالغان كىشىلەر. ئۇلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى ۋە 1949 ‏ - يىلىدىن كېيىن شىنجاڭغا كەلگەن خىتايلارنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

خىتاي ساقچىلىرى بۇلارنى تۇتقاندا، يېنىدا پىچاق بار ھەم قارشىلىق كۆرسەتكەن 5 كىشىنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. 8 ىنى قولغا ئالغان، يارىلاندۇرۇلغان يەنە ئىككى كىشى ھازىر دوختۇرخانىدا.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرى 'ئاسىيا - تىنچ ئوكيان گېزىتى'، 'خەلقئارا ئۇچۇر مۇنبىرى' قاتارلىق خەلقئارالىق چوڭ گېزىتلاردا بېسىلىپ چىقتى. ئەنگلىيىدە چىقىدىغان تېلېگراف گېزىتىمۇ بۇ ھەقتە بىر قەدەر تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى.


2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org