ئۈرۈمچىدە 'ئولىمپىكنى قوغداش بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى' دېگەن ھەرىكەتنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلانغان

'شىنجاڭ مەركىزى شەھەر گېزىتى' دە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى 8 ‏ - ئاينىڭ 13 ‏ - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدە 'ئولىمپىكنى قوغداش بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى'دەپ ئاتىلىدىغان ھەرىكەتنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى باشلىغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.08.15

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ھازىر ئۈرۈمچىدە 'گۇمانلىق ئادەم ۋە نەرسىلەرنى تەكشۈرۈش' دېگەن نام بىلەن ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ، ئاھالىلارنىڭ كىملىكىنى ۋە ئۆيلىرىدە نېمە بارلىقىنى ئاختۇرۇپ كۆرمەكتە.
 
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سىچۇەندىن كەلگەن بىر مەدىكار 'قانچە ئىنچىكە ئاختۇرۇلسا، بىز شۇنچە خاتىرجەم بولىمىز' دېگەن. 
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.