ج خ تارماقلىرى ئۈرۈمچىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتقان بەزى كىشىلەرنى قولغا ئالغان
2008.03.25
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 25 - مارت كۈنى ئۈرۈمچىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۈرۈمچىدە پارتلاشلار يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ باياناتچىسى با يەن، ئۈرۈمچىدە بىر ئاپتوبۇستا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە رايوندا تارقالغان سۆز - چۆچەكلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ھەقتە تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى ليۇ ياۋخۇا، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەرگەن باياناتىدا، بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار خەلقنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇش ئۈچۈن، زەھەرلىك سۆز - چۆچەكلەر تارقاتماقتا، دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بۇ مەسىلە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەرلىك دائىرىلىرى، ئۈرۈمچىدە بىر قاتار پارتلاشلار يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتقان بەزى كىشىلەرنى قولغا ئالغان.
لېكىن، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى، ئۈرۈمچىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفون ئارقىلىق مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىنى جاۋابلاندۇرغان ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈرۈمچىدە بىر قاتار پارتلاشلار مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "ئايروپىلان ۋەقەسى" ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى
- " ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى" نىڭ سىر پەردىسى تېررورلۇق تەھدىتنىڭ راستلىقىغا گۇمان پەيدا قىلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " ئايروپىلان ۋەقەسى" توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
- قازاقىستان كېڭەش پالاتا رەئىسى توقايىف ئۈرۈمچىدە قازاق تەتقىقاتچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- خىتاي ئۈرۈمچىدە قوش تىلى مۇتەخەسسىسلىرى "ئىسكىلاتى" قۇردى
- ۋاڭ لېچۈئەن سابىق قورچاق ئەمەلدارلارنى يوقلىدى
- ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە بىر كۆمۈر كان قۇدۇقىدا پارتلاش يۈز بەردى
- بان كىمۇن ئالجىرىيىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتتى
- ئۈرۈمچىدە مالايسىيە - خىتاي مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلار مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
- ئۈرۈمچىدە ھۆكۈمەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ئەرزدارلار باستۇرۇلماقتا
- ئۈرۈمچىدە مەكتەپلەردىكى " قارا كۈچ" گۇرۇھلارنى تازىلاش ئېلىپ بېرىلماقتا
- تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى









