ئولىمپىك جەريانىدا ئۈرۈمچىدە ھەممە ئادەمنىڭ سومكىسى تەكشۈرۈلمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.31
2008.07.31
خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت مەركىزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش يوليورۇقىنى ئىجرا قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، بولۇپمۇ كىنوخانا، سۇ ئۈزۈش مەيدانى، كافېخانا، قاۋاقخانا، تورخانا، شاخماتخانا قاتارلىق ئورۇنلاردا قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ ئورۇنلارغا كىرگۈچىلەرنىڭ سومكا ۋە يانچۇقلىرى تولۇق تەكشۈرۈلىدىكەن.
بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاپتوبۇسقا چىققان يولۇچىلارنىڭ سومكىلىرى بىر - بىرلەپ ئاختۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ 6 ئولىمپىك شەھىرىدىن باشقا خىتاي شەھەرلىرىگىمۇ بېرىشىنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكى، بېيجىڭ قاتارلىق ئاساسلىق ئولىمپىك شەھەرلىرىدىكى شىركەتلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ شەھەرلەردىن قوغلانغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تارقىلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرمىچىلىق سىياسىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىر دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.