ئۈرۈمچى قاتناش تۈگۈنلىرىدە 24 سائەتلىك قوراللىق پوس قويۇلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 12 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى قاتناش تۈگۈنلىرىنى، تولۇق قوراللانغان ساقچىلار توساق قۇرۇپ 24 سائەت كۆزەت قىلىۋاتقان بولۇپ،ئۈرۈمچىگە كىرىپ چىقىۋاتقان ھەر بىر ئاپتوموبىل ئۈستىدىن قوراللىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى يۈرگۈزۈلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.14

 شىنخۇا مۇخبىرىنىڭ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچى باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى قاتناش تۈگۈنلىرىدە 24 سائەتلىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشكە قاتنىشىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى 79 تىپلىق ئاپتومات، ئوق ئۆتمەس كىيىم قاتارلىقلار بىلەن تولۇق قوراللاندۇرۇلغان بولۇپ، خۇددى ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەندەك جىددىي قىياپەتتە ھەر بىر چوڭ ‏ - كىچىك ئاپتوموبىللار ھەمدە شوپۇرلارنى توختىتىپ قاتتىق تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئومىزغا قىلغان ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر سودا سارىيى ئالدىغا بىرونىۋىكلارنى توختىتىپ قويغان، ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى قوراللىق ساقچىلار قوغدىماقتا ئىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە بارلىق كوچا ئاپتوبۇسلىرىدا ھەمدە ئاممىۋى سورۇنلاردا شەھەر ئاممىسىنىڭ سومكىلىرىنى ئاختۇرۇش داۋام قىلماقتا ئىدى. 8 - ئاۋغۇست بېيجىڭ ئولىمپىكى باشلانغاندىن تارتىپ ئۈچ كۈنگە قەدەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپ جايلىرىدا ئاپتوموبىللارغا گاز قاچىلاش پونكىتلىرىنى ۋاقىتلىق تاقىغان.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى دائىرىسىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈشىنى ئولىمپىك بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىر دەپ چۈشەندۈرسىمۇ، ھالبۇكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ قەدەر جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈشىنىڭ، قەشقەر سەمەن يولىدا، يامانيار يېزىسىدا ھەمدە كۇچادا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرى ھەم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.