ئۈرۈمچىدە 12 خىتاي ياللانما ئىشچىسى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېغىر يارىلاندۇرۇلدى


2007.01.21

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قانۇن تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ياخوڭ ئۆي مۈلۈك چەكلىك شىركىتىنىڭ يىگىرمىگە يېقىن قوغدىغۇچى ھەمدە خادىملىرى بىرلىشىپ بۇ شىركەتتىن ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئەللىك نەچچە نەپەر خىتاي ياللانما ئىشچىلىرىنى ئۇرۇپ ئارىدا 12 سىنى ئېغىر يارىلاندۇرغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە بۇ ياللانما ئىشچىلار ياخوڭ شىركىتىنىڭ ئىككى ئايدىن بېرى مائاشىنى بەرمىگەنلىكىگە نارازى بولۇپ شىركەتكە بىر قانچە قېتىم ۋەكىل ئەۋەتكەن، سۆزىنى ئاقتۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاخىرى يىغىلىپ شىركەتكە ئەرىزگە بارغاندا، شىركەت بىناسىنىڭ قوغدىغۇچىلارنىڭ پىچاق توقماقلار بىلەن قوغلاپ ئۇرۇشىغا ئۇچرىغان.

خەۋەردە ۋەقە شاھىدلىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ياللانما ئىشچىلار بىلەن شىركەت قوغدىغۇچىلىرى ئارىسىدا ئون مىنۇتچە تاكارلاشقاندىن كېيىن، قوغدىغۇچى ساقچىلارنىڭ باشلىقى قول ئاستىدىكىلەرگە "ئۇلارنى قوغلىۋېتىڭلار، ئۆلگۈچە ئۇرۇڭلار " دەپ بۇيرۇق بەرگەندىن كېيىن قوغدىغۇچى ھەمدە شىركەت خادىملىرى بولۇپ يىگىرمىدىن ئارتۇق كىشى پىچاق، تاياق توقماقلارنى ئېلىپ ياللانما ئىشچىلارغا ئېتىلغان.

نۆۋەتتە ياللانما ئىشچىلارنى يارىلاندۇرغان جىنايەتچىلەر پۈتۈنلەي قولغا ئېلىنغان بولۇپ، قانۇن تارماقلىرى ياخوڭ شىركىتىنىڭ بۇ ئىشچىلارنىڭ مائاشىدىن باشقا يەنە يارىلانغۇچى خىتاي ئىشچىلارنىڭ نەچچە ئون مىڭ يۈئەن داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلىگەن بىلەنمۇ قانۇنىي جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.