" ۋاڭ لېچۇەن يەكەندە 12مىڭ ئۇيغۇرنى ئۇسۇلغا سالدى"


2007.09.28

تـەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە، 28 ‏-سېنتەبىر كۈنى 12 مۇقام بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بولغان. مۇراسىمدا 300دىن ئارتۇق خەلق سەنئەتچىسى ۋە 200دىن ئارتۇق كەسپىي سەنئەتچى ناخشا-ئۇسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلىغان . خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، كۈننىڭ يامغۇرلۇق بولۇشىغا قارىماي ، مۇراسىمنى تاماشا قىلىۋاتقان 12مىڭ كىشى ھاياجىنىنى باسالماي ئۇسۇلغا چۇشكەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئەھۋالنى، بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدە، ئىشسىزلىق سەۋەبىدىن نەچچە ئونمىڭ ياش ياقا يۇرتلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان، مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئەيدىز سەۋەبلىك جان ئۈزۈۋاتقان، تۈركۈم-تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى بۆلگۈنچى ۋە تېررورچى قالپىقى بىلەن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ مۇقام بايرىمى ئۆتكۈزۈشىنى ئۇيغۇرلارنى ناخشا ‏- ئۇسۇل بىلەن بىھۇش قىلىپ ، سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى يوشۇرۇش دەپ، قارىماقتا.

ۋاڭ لېچۇەن، بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ، بىر مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ ، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نارازى بولغان بولسا، شۇنچە خۇشال ئۇسۇل ئوينىيالايتتىمۇ دېگەن ئىدى . كۆزەتكۈچىلەر بۇ جاۋابتىن مۇقام بايرىمى ئوتكۈزۇشتىكى مەقسەتنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ ، ۋاڭ لېچۇەن يەكەندە 12مىڭ ئۇيغۇرنى ئۇسۇلغا سالدى دەپ قارىماقتا .

يەكەندە 12 مىڭ كىشى ئۇسۇلغا چۇشكەن دەل شۇ كۈندە، ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەردە ، ھەربىي-ساقچى بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلۈپ ، ئۇچ خىل كۈچلەرگە قارشى ھەيۋە كۆرسىتىلگەن. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.