لوگەن ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە باردى


2004.09.01

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى سىياسىي بىئوروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى لوگەن -1سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈشكە بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنى ۋە تەبىئىي بايلىق ئۈستۈنلىكنى تولۇق جارى قىلدۇرغان ئاساستا، بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەكلىكى ھەققىدە سۆز قىلدى.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، لوگەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى داۋامىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ھەمكارلىقىدا، ئالتاي ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى ۋە شىخەنزىلەردىكى خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيە پولكلىرىنى زىيارەت قىلىشتىن سىرت، بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەرىكەتتە قازا تاپقان قوراللىق قىسىم ساقچىلىرى چىڭ پىڭ بىلەن خۇدابەردى توختىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن ھال سورىدى.

چەتئەللەردە ئۇيغۇر داۋاسىنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى لوگەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، خىتاينىڭ بۇ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. (پەرىدە)

RFA

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.