تۈركىيىنىڭ5TV تېلېۋىزىيە قانىلىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى


2008.01.16

تۈركىيىنىڭ TV5 تېلېۋىزىيە قانىلىدا ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى ئاخشىمى "ئىككى شەرق ئىككى غەرب " پروگراممىسىدا دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيەتلىرى بەس مۇنازىرە قىلىنىپ نەق مەيداندىن TV5 تېلېۋىزىيە قانىلى ئارقىلىق تارقىتىلىپ كەلمەكتە. بۇ ھەپتىلىك پروگراممىسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

سائادەت پارتىيىسى تاشقى ئىشلار مەسئۇلى، ئادۋوكات كامال كايا ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇز، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، باش كاتىپى دوكتور ھەققانىي ئەپەندى، قاتارلىق شەخسلەر ئىشتىراك قىلدى. تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 10:30 دا باشلانغان پروگرامما 1:30 گىچە 3 سائەت داۋام قىلدى. پروگراممىغا5TV تېلېۋىزىيە قانىلى خادىمى ياۋۇز سەلىم ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئالدى بىلەن ھەققانىي ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇردى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇز، سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى سۆزلەپ ئۇ رايوننىڭ خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەسلىكىنى پەقەت ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەزەلدىن بىر ئايرىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى تارىخي پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىجرائىيە رەئىسى ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا 100 مىڭلىغان ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەر خىل تۈردە ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتايلارنىڭ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، ئۆزىنىڭ ئۈچ يىل قاماقتا ياشاش جەرىيانىدىكى تۈرمە ھاياتىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: مەن 170 سانتىمېتىرلىق بىر ئۆيدە 9 ئاي يالغۇز قامالدىم. ماڭا ھەر ئەتىگىنى 100 گراملىق بىر نان كەچتە بىر نان بېرەتتى. ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ھاجەتخانىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلاتتى. مېنى توككا چېتىش ئارقىلىق قىينىدى، ھەر خىل قىيىن ‏- قستاقلارغا سالدى. ئۈچ يىل تۈرمىدە يېتىپ چىقتىم. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن مېنى يەنە تۇتماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ، چەتئەلگە قېچىپ چىقتىم.

كامال كايا ئەپەندى سۆز قىلىپ 2000 ‏- يىلى تۈركىيىنىڭ دۆلەت رەئىسى سۇلايمان دېمىرەل خىتاي رەئىسى جىياڭزېمىنگە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرەپ ئالتۇن مۇكاپاتىنى بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتايلارنىڭ رەئىسى جياڭزېمىنگە تۈركىيىنىڭ دۆلەت رەئىسى 2002 ‏- يىلى تۈركىيىنىڭ شەرەپ ئالتۇن مېدالىنى تەقدىم قىلدى. بۇ ۋەقەگە غەزەپ بىلەن نەپرەتلىنىمىز. بۇ پروگراممىنى تېلېۋىزىيە ئارقىلىق كۆرۈۋاتقانلاردىن بىرسى تېلېفون قىلىپ، كامال كايا ئەپەندىدىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانداق ئىش ‏- پائالىيەت قىلىش كېرەك دەپ سورىدى.

كامال كايا ئەپەندى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى، ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەرنى، ئىسلام دۇنياسى تەشكىلاتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ بىر قانچە قېتىم "خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى" يىغىنى ئېچىلىش لازىم. بۇ يىغىنغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتى، خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك تەشكىلاتلارمۇ قاتنىشىشى لازىم مۇشۇنداق قىلغاندا شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

نەق مەيداندىن تارقىتىلىۋاتقان بۇ پروگراممىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ تېلېفون ئارقىلىق ئىشتىراك قىلىپ سۆز قىلدى ھەمدە 5TV تېلېۋىزىيە قانىلى خادىملىرىغا بۇ پروگراممىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.

ئاخىرىدا بىز بۇ پروگراممىنى تېلېۋىزىيىدىن كۆرگەن يۈسۈپجان ئىسىملىك كىشىنى بۇ پروگرامما ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن زىيارەت قىلدۇق. يۈسۈپجان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ چۈشەنچىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. (ئارسلان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.