ئۇيغۇر ئېلىدا ئالىي مەكتەپلەر ھەربىي مەشقنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس نەتىجىسىگە قاتىدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى يېقىندا سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ئالى مەكتەپلەردە ھەربىي مەشقنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي نەتىجىسىگە قوشۇلىدىغان دەرسلىك تۈرلىرىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان.


 بۇنىڭدىن كېيىن ئالىي مەكتەپلەردە ھەربىي مەشق دەرسى رەسمى زۆرۈر دەرسلىك سۈپىتىدە ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي نەتىجىسىگە تەسىر قىلىدىغان تۈرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدا ئالى مەكتەپلەرنىڭ ھەربىي مەشق دەرسى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىلمىي نەتىجىگە قوشۇلمايتتى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلىدىكى 30 دەك ئالىي مەكتەپتە ھەربىي مەشق تۈزۈمى يولغا قويۇلىۋاتقان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ 98 % ئى ھەربىي مەشققە قاتناشتۇرۇلماقتا.

ھەربىي مەشق تۈزۈمى يولغا قويۇلىۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بولسا 540 ئەتراپىدا ئىكەن. بەزى ئانالىزچىلار ئالى مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرىلاردىكى ھەربىي مەشق تۈزۈمىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرۇش تەييارلىقنىڭ بىر قىسىمى، دەپ باھا بېرىشمەكتە.
2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org