قانۇن گېزىتى ئامېرىكىنى " شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ جارچىسى" دەپ ئەيىبلىدى
2007.07.20
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ "قانۇن گېزىتى" ئۆتكەن ئايدىكى بىر سانىدا ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن پراگادا كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئۇنى ماختىغانلىقىنى ئىبارىسى ئېغىر سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىگەن. ماقالىدە " ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ئۆزى ئېتىراپ قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ كاتتىبېشىنى يەنە بىر قېتىم كۆككە كۆتەردى" دەيدۇ.
لېكىن بۇش ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىم قۇرغان ۋە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقى فوندى جەمئىيىتى ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ھىچبىر ۋاقىت تېررورچى تەشكىلات، دەپ ئېلان قىلىپ باققان ئەمەس. ماقالىدە پرېزىدېنت بۇشنىڭ رابىيە قادىر كاتتىباشلىقىدىكى قايسى تەشكىلاتنى تېررورچى تەشكىلات،دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. ماقالىدە يەنە ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ رابىيە قادىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، دەپ ماختىغانلىقىنى "بىلجىرلىغانلىقتۇر " دەپ ھۇجۇم قىلدى ۋە رابىيە قادىر خانىمنى چەتئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن شەرقىي تۈركىستان تېررورچىسى " دەپ ئەيىبلىدى.
پرېزىدېنت بۇش رابىيە قادىر خانىمنى پراگادىكى دۇنيا بىخەتەرلىك ۋە دىموكراتىيە يىغىنىدا "بىر دۆلەتنىڭ يەر ئاستى بايلىقى ۋە ھەربىي كۈچىدىنمۇ قىممەتلىك تالانت ئىگىلىرىدىن بىرى " دەپ ماختىغان.
ماقالىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ 4 شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى ئاۋامنى"ئامېرىكا پرېزىدېنتى قانداق قىلىپ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشىنى قانات ئاستىغا ئالغاندۇ، دېگەن گۇمانغا كەلتۈردى " دەپ يازغان. قانۇن گېزىتى ماقالىسىدە ئامېرىكىنىڭ 4 شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنى تېررورچى تەشكىلات، دەپ تونىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا 2002 - يىلى بىر تەشكىلاتنى يەنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە مانېۋىر ئېلىپ بارماقچى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىئوگرافىيىسى گېرمانىيىدە نەشىر قىلىندى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ پراگادىكى زىيارىتى غەلىبىلىك بولدى
- رابىيە خانىمنىڭ خىتاي گۇندىپايلىرى ھەققىدىكى ئوبزورى 'ۋولت سترىت ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىندى
- ئالما-ئاتادا، "ئۇيغۇر ئاۋازى" گېزىتىنىڭ 50 يىللىقى خاتىرىلەندى
- رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى
- ۋاشىنگتون پوست گېزىتى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھوكۇم قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن باش ماقالە ئىلان قىلدى
- ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىغى - دۇنيانىڭ كۆزىدە
- رابىيە قادىر خانىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى
- خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ بايانلىرىغا رەددىيە بەردى
- رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامىنتىغا خەت يېزىپ نىرج دېۋا ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرىغا رەددىيە بەردى