ۋاڭ لېچۇەن يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەتلىك ئېنېرگىيە ئىشخانىسى خادىملىرىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆمۈر بايلىقلىرىنى خىتايغا تېخىمۇ كۆپ توشۇش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
شىنجاڭ خەۋەر تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەتلىك ئېنېرگىيە ئىشخانىسى خادىملىرى ۋاڭ لېچۇەن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، خىتايدا ئېنېرگىيە مەنبەسى يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ كونا كۆمۈر كانلارنىڭ مەنبەسى تۈگەپ كېتىۋاتقانلىقىنى سۆزلىگەندە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن ئۇلارغا 'شىنجاڭنىڭ كۆمۈر مەنبەسى ئىنتايىن مول، كۆمۈر زاپىسى ھەممىلا جايدا بار، مەھسۇلات تۈرلىرى تولۇق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆمۈر زاپىسىنىڭ %40 نى تەشكىل قىلىدۇ. پەقەت قاتناش مۇساپىسى ئۇزۇن بولغانلىقتىنلا ياخشى بازار تاپالمايۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا كاملىغان كۆمۈر نى شىنجاڭ تەمىنلەيدۇ. بىز ئەمدى كۆمۈر بايلىقى ئىنتايىن مول بولغان ئىلى-جۇڭغارىيە ۋادىسىدا ئېلېكتىر ۋە گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان كۆمۈر سانائەت بازىسى قۇرىمىز،'دېگەن. (ۋەلى)
