ئۇيغۇر بوكىسچىلار ئامېرىكىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ
مەمەت تۇرسۇن، قانات، ئابدۇراخمان ۋە نىجات قاتارلىق تۆت نەپەر بوكىس ماھىرى 10 - ۋە 11 - ماي كۈنلىرى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان " يەكمۇ - يەك بوكىس مۇسابىقىسى" غا قاتناشقاندىن كېيىن، ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرى بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ، ماينىڭ ئاخىرى تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان " تەيۋەن دۇنيا بوكىس تەكلىپ مۇسابىقىسى" گە قاتنىشىدىكەن.
ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تەنتەربىيە ماھىرلىرى، گەرچە تولىمۇ جاپالىق ۋە قېيىن شارائىت ۋە مەشىقلەر ئارقىلىق، كۈچلۈك رىقابەت ئىچىدە شان - شەرەپ ھەمدە نەتىجىلەرنى قازىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ ئۆز مىللىتىگە تەۋە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ چوڭ مىللەتچىلىكى تۈپەيلى، دۇنيا سەھنىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئاز سانلىق مىللەت تەنتەربىيە ماھىرلىرى بولسۇن ۋە ياكى سەنئەتكارلار بولسۇن ھەممىسىنىڭ خىتاي دەپ تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.