چىكاگو ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 14- نۆۋەتلىك دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈكنى تاللاش نەتىجىسى1- نويابىر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇسابىقىدە ئۇيغۇر ئىلى ماھىرى نىجات ھۈسەنمۇ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن دۇنيا بويىچە تاللانغان 4 ماھىر ئىچىدىن ئورۇن ئالدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئېغىر دەرىجىلىكلەر بۇيىچە مۇسابىقىلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ماھىر نىجات ھۈسەن بۇ يىل 21 ياش بولۇپ، ، ۋىنگىرىيە ماھىرى جوزسېف دانىئال دارموسنى مۇتلەق ئۈستۈن نەتىجە11 : گە قارشى 28 نومۇر بىلەن يېڭىپ، تۆت كۈچلۈكلەر ئىچىگە كىرىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شەرەپ قۇچتى ۋە 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى بوكس تۈرىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى بولۇپ، ئالدىنقى كۈنىدىكى مۇسابىقىدە 69 كىلوگراملىقلار بۇيىچە مۇسابىقىگە چۈشكەن ئۇيغۇر ئىلى ماھىرى قانات 6 گە قارشى 26 نومۇر بىلەن ئەزەربەيجانلىق رەقىبى رۇسلان قايىروفنى يېڭىپ سەككىز كۈچلۈك ماھىرنىڭ بىرى بولۇپ تاللىنىپ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.
تەڭرىتاغ تورى بەرگەن خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەت چىكاگودا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇر ئىلىدىن، نىجات ھۈسەن، مەمەت تۇرسۇن چوڭ ۋە قانات قاتارلىقلار 14- نۆۋەتلىك دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، ئەمما مەمەت تۇرسۇن چوڭ ئۆز تۈرى بويىچە 16 نىڭ ئىچىگە كىرەلىگەن.
بۇ ئۇيغۇر ئىلى بوكس ماھىرلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم خەلقئارالىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ، 2000 - يىللىق سىدنىي ئولىمپىك يىغىنىغا ئۇيغۇر بوكس چولپىنى ئابدۇراخمانمۇ ئاسىيا چېمپىيونى بولۇپ قاتناشقان ئىدى. (جۈمە)